Linux نىڭ ئىسمىنى ئاتىلىشى توغرىسىدا

بۈگۈن ياپونچە تور بەتتىن Linux نىڭ ئوقۇلىشى لىناكىسمۇ ياكى لايناكىسمۇ دىگەن يەنى تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۈپ قالدىم.

يەنى بۇ ياپونچە تېمىدا لىناكىسنىڭ ئوقۇلشى ھەرخىل بولۇپ، بەزى كىشىلەر リナックス دەپ ئوقۇسا بەزىلەر ライナックス
ئۇندىن باشقا リーヌークス、リヌックス دىگەنگە ئوخشاش ئاتاش ئۇسۇلىنى قوللىندىغانلارمۇ بولۇپ، ئاچقۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ر リナックス يەنى لىناكىس دەپ ئاتاشنىڭ ئوموملاشقانلىقى يىزىلغان .
مەنبەسى: Linuxの読み方は、リナックス? ライナックス

لىناكىسنىڭ (Linux) بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى Linus Benedict Torvalds لىناكسىنىڭ ھەر خىل ئاتىلىشىغا نىسبەتەن ”قانداق ئاتىساڭلار بولىۋىرىدۇ “ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ئوخشاشلا ئۇيغۇرچىدىمۇ ھەرخىل ئاتاش ئۇسۇلى بولۇپ، لىنكىس دەپ ئاتايدىغانلارمۇ ، لىنۇكىس دەيدىغانلارمۇ بار. ئەگەر بۇنى ھازىرقى ئۇيغۇرچە لاتىن يىزىقى بويىچە بىۋاستە ئوقۇيدىغان بولساق ”لىنۇخ“ دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن، پىنيىن ئاساسىدا ئۇيغۇرچىنى ئىپادىلەيدىغانلارنىڭ ئارسىدا ”لىنۇش“ دەپ ئاتايدىغانلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئەلۋاتتە Linus Benedict Torvalds ئىيتقاندەك قانداق ئاتاش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز، ئەممە باشقىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئ‍ۆزئارا چۈشەنمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئامال بار لىناكىس دىگەن ئاتاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بۇنداق ئاتىغاندا ئ‍ۇيغۇرچىدىلا ئەمەس باشقا تىللاردىمۇ مۇشۇ خىل ئاتاش ئۇسۇلىغا يىقىن بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قولاي بولىدۇ.


"Linux نىڭ ئىسمىنى ئاتىلىشى توغرىسىدا " غا 2 ئىنكاسلار

  • ئابلىمىت
    2016-يىل 25-ئاۋغۇست (5:19 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    لىنۇكىس دەپ ئاتاپ كېلىۋېتىپتىكەنمىز ، بۇرۇنقى بىلىك تورى ، ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تورى ۋە سابىق ئوبۇنتۇ بىلوگىدىمۇ شۇنداق ئاتىلىپ كېلىۋاتقاندەك قىلىۋېدى ، لىناكىس دەپ ئاتىساق سەل غەلىتە تۇيۇلىدىكەن .

    • admin
      2016-يىل 25-ئاۋغۇست (5:49 pm)
      جاۋاپ قايتۇرۇش

      Linux نى ئۇيغۇرچە بىۋاستە ئوقۇساق سىز دىگەندەك لىنۇكىس دەپ ئوقۇساق بولىدۇ، لىناكىس دىسەك باشقا تىللاردىكى تەلەپپۇزىغا يىقىنراق بولدىكەن ، شۇنداق بولغاندا باشقىلار ئورتاقلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن دىگەن مەقسەتتە لىناكىس دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈق، ئەلۋەتتە لىناكىسنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى لىناس تورۋالدىس بۇ توغرىسىدا قاندا ئاتىساڭلار ئىختيارىڭلار دەپ ئۆتكەندەك، ئۆزىمىزگە قولايلىق ئۇسۇلدا ئاتىساق تامامەن بولىدۇ. بەلكىم بەزىلەر لىنۇش دەپ ئوقۇشىمۇ مۇمكىن (:


admin ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋاپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ