سىستېمىنى كۆزىتىشتىكى بىر قىسىم ئوچۇق مەنبە كودلۇق قوراللار

1.collectd
سىستېمىنىڭ ھەرقايسى ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك ھالدا يىغىدىغان يېنىك تىپتىكى سىستېما قورالى. سىستېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يىغالايدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك كۆزىتىش ئىقتىدارى بار.
CPU نىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى
تېمپېراتۇرا ۋە سوۋۇتقۇچ شامالدۇرغۇچىنىڭ تېزلىكى
ئىجرا بولۇش ئەھۋالى
تورنىڭ ‍ئىشلىتىلىش ئەھۋالى
Apache Web مۇلازىمېتىرى ۋە  Nginx نىڭ ‍ئىشلىتىلىش ئەھۋالى
DNS مۇلازىمېتىرى BIND نىڭ ئەھۋالى
ساندان مۇلازىمېتىرى(MySQL,PosgreSQL,Oracle)
SWAP ئىشلىتىلىش ئەھۋالى
ئىشلەتكۈچىنىڭ سىستېمىغا كىرىش ئەھۋالى

تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز https://collectd.org دىن كۆرۈك.

2.Nagios
ئوچۇق مەنبە كودلۇق سىستېمىنىڭ ئەھۋالى ۋە تور-ئالاقە ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ‍ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، كۆزەتمەكچى بولغان مۇلازىمېتىردا مەسىلە كۆرۈلسە ئىشلەتكۈچىگە ئۇچۇر ئەۋەتىش ئىقتىدارى بار. تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى كۆزىتەلەيدۇ.
تور ئالاقە ئۇچۇرىنى كۆزىتىش(HTTP,SMTP,POP3,FTP,SNMP)
سىستېمىنىڭ ئۇچۇرى(CPU، دىسكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى)
توركۆرگۈدە سىستېمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرۈش
مەسىلە كۆرۈلسە قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ئارقىلىق ئىشلەتكۈچنى خەۋەرلەندۈرۈش
مەسىلە كۆرۈلسە بېكىتىلگەن چارىنى ئاپتوماتىك قوللىنىش قاتارلىقلار

تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز https://www.nagios.org دىن كۆرۈك.

3.MRTG
Multi Router Traffic Grapher نىڭ قىسقارتىلمىسى، ھەرخىل Router قاتارلىق تور قاتتىق دېتاللىرىنىڭ ئۇچۇر مىقدارىنى گرافىك شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىدىغان پروگرامما. مەلۇماتلارنى PNG رەسىم شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بىۋاسىتە توركۆرگۈ ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز https://www.mrtg.com دىن كۆرۈك.

4.cacti
MRTG نى ئورنىنى ئالدىغان يەنە بىر ئوچۇق مەنبەلىك دېتال بولۇپ، MRTG قارىغاندا بەزى ئىقتىدارى ئىلغار.
http://www.cacti.net

5.Zabbix
يېقىندىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان سىستېما ۋە ھەرخىل تور قوراللىرىنىڭ ئۇچۇر مىقدارى قاتارلىقلارنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنىڭ بىر تۈرى. بۇ توغرىسىدا كىيىن ئايرىم بىر تېمىدا توختىلىمەن.
http://www.zabbix.com


"سىستېمىنى كۆزىتىشتىكى بىر قىسىم ئوچۇق مەنبە كودلۇق قوراللار " غا ئىنكاس يوق


    قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

    بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ